Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىلېتوسچىلار
دۇنيا تارىخى
米利都派
mǐ lì dōu pài
قەدىمكى يۇناندىكى دەسلەپكى ماتېرىيالىستىك پەلسەپە ئىلىم ئېقىمى. بۇ ئېقىم كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئېئونىيە شەھىرى مىلېتوسنى مەركەز قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ يەر يۇانان دۇنياسىدا ئىگىلىكى بۇرۇنراق راۋاجلانغان، سوت بىلەن ئالاقە (مۇستەملىكىچىلىك پائالىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىشلىرى كۆپرەك بولغان جاي. بۇ ئېقىمنىڭ ۋەكىللىرى تالىس (يۇناندىكى <يەتتە ئەۋلىيا> نىڭ بىرى)، ئاناكسىماندىر ۋە ئاناكسىمېنلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن، ئۇلار ئەڭ بادلۇرقى تەبىئىي پەن ئالىملىرى (ئەينى زاماندا پەلسەپە تەبىئىي پەن تېخى ئايرىلمىغان) بولۇپ تەبىئەت دۇنياسىنى تەتقىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئوبيېكتى قىلغان، ماددىي دۇنيانى ھاسىل قىلغان ئاساسىي ئامىللار ئۈستىدە ئىزدەنگەن، شۇڭا بۇ ئىلمىي ئېقىم پەلسەپە تارىخىدا <تەبىئەت پەلسەپە ئىلمىي ئېقىمى> دەپمۇ ئاتالغان. تالېس: كائىناتنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنتى سۇ، ھەممە نەرسە سۇدىن تۆرەلگەن، ئۇ يەنە قايتىپ كېلىپ سۇغا ئايلىنىدۇ دەپ ھېسابلىغان؛ ئاناكسىماندىر بولسا: <چەكسىز> بولغان بىر خىل شەكىلسىز ماددىدىن ئىبارەت دەپ ھېسابلىغان؛ ئاناكسىمېن: ھاۋا ياكى گازدىن ئىبارەت، ئۇ سۇيۇلقلىنىش ۋە قېتىشىش ئارقىلىق كائىنات تۆرەلگەن دەپ ھېسابلىغان. ئۇلار ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزىدىكى ماددىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە تەرەققىيات ئۆزگىرىش ئىچىدىن ماددىي دۇنيانىڭ شەكىللىنىشىنى ئىزاھلاشقا ئىنتىلگەن. بۇ خىل ماتېرىيالىزملىق ئىدىيە، گەرچە تېخى گۆدەك ھالىتىدە ھەتتا مەلۇم غەيرىي ئىمىي بولغان خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (مەسىلەن، تالىس، ماگنىتنىڭ جېنى بار دەپ قارىغان) بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ساددا ماتېرىيالىزم بىلەن ستېخىيىلىك دىئالېكتىكا ئەينى زاماندا تارقىلىپ يۈرگەن دىنىي قاراشلارغا قارىتا ئىنكار قىلىش بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيانى بىلىشىدىكى مەرىپەتچىل سىناق بولغان.