Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېلانچتون
دۇنيا تارىخى
(1497 - 1560) گېرامانىيىلىك تىلشۇناس، لۇتېر مەزھىپىنىڭ باشلىقى. قورال - ياراق ئۇستىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. تۇبىنگېن شەھىرىدە ئوقۇغان. 1518-يىلى ۋىتتېنبېرگ داشۆسىدە يۇنان تىلى پروفېسسورى بولغان ھەمدە گېرمانىيە دىن ئىسلاھاتچىسى مارتىن لۇتېر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ يېقىن ياردەمچىسى بولۇپ قالغان. شەھەر خەلقى ۋە دېھاقنلارنىڭ دىن ئىسلاھاتچىسى مۇنزېرغا ۋە گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان. 1530-يىلى لۇتېر مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىش پروگراممىسى - <ئاۋگىسبۇرگ ئېتىقاد پروگراممىسى> نى تەييارلىغان. 1546-يىلى مارتىن لۇتېر ئۆلگەندىن كېيىن، لۇتېر مەزھىپىنىڭ باشلىقلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان. كاتولىك دىنى بىلەن مۇرەسسە قىلىش يولىنى ئىزدىگەنلىكتىن، ئەنئەنىۋى لۇتېر مەزھىپى مۇرىتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. يۇنان تىلى گرامماتىكىسى ۋە لاتىن تىلى گرامماتىكىسى قاتارلىق دەرسلىكلەردىن بىر نەچچە خىلنى يازغان.