Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىڭ كۈنلۈك ئۇرۇش
دائىرە: دۇنيا تارىخى千日战争
qiān rì zhàn zhēng
1899 - 1903-يىللاردىكى كولومبىيە ئىچكى ئۇرۇشى. كولومبىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن لىبېرالىستلار پارتىيىسى ئۇزاق مەزگىل كۈرەش قىلىشپ كەلگەنلىكىدىن بولغان. 1899-يىلى 10-ئايدا لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 10 نەچچە يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەن مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغان. ئۇرۇش ئۈچ يىل داۋام قىلىپ، پېرالونسو، پالو - نوگرو قاتارلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، 1903-يىلى 6-ئايدا ئاياغلىشىپ ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان. مۇتەئەسسىپلەر پارتىيىسى لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ دېڭىز بويىدىكى ۋە شىمالىي قىسمىدىكى تەسىر كۈچىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، يەزى ئۆلكىلەرنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. شۇنىڭدىن كېيىن لىبېرالىستلار پارتىيىسىدىكىلەر دۆلەت مەجلىسىگە سايلىنالايدىغان بولغان. بۇ قېتىمقى ئىچكى ئۇرۇش كولومبىيىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىنى پانامانى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.