Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىكرو ئورگانىزم
دائىرە: بىئولوگىيە微生物
wēishēngwù
پەقەت ئوپتىك مىكروسكوپ ياكى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپنىڭ يارىدىمىدە كۆرگىلى بولىدىغان مىكروجانلىق. ئۇ ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلار (باكتېرىيە، ئاكتىنومىتسېس كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە قاتارلىقلار)، ھەقىقىي يادرولۇق ئىپتىدائىي جانلىقلار (ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى، كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ، تاق ھۈجەيرىلىك يۈسۈن ۋە تاق ھۈجەيرىلىك ئىپتىدائىي ھايۋانلار) ۋە ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى بولمىغان جانلىقلار (ۋىرۇس ۋە ۋىرۇس خىلىدىكىلەر) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىكرو ئورگانىزملارنى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ تېنى كىچىك، سىرىتقى يۈزى چوڭ، تۈرى كۆپ، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، كۆپىيىشى تېز، ئۆستۈرۈش قولايلىق، ئۆزگىرىشى ئاسان، ئوزۇقلىنىش تىپى كۆپ خىل ۋە مېتابولىزم كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. مىكرو ئورگانىزملار تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددا ئايلىنىشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، يەنە يېزا ئىگىلىك، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، يېمەكلىك ئېچىتىش، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىئولوگىيىلىك قاتارلىق پەنلەرنىڭ غايەت زور ئاساسىي نەزەرىيە مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە. بىراق ئۇ ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئىسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەردە يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى بۇزۇپ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسالwēi shēng wù
微生物
تېببىي,دېھقانچىلىق,گىئولوگىيە
微生物
wēi shēng wù
ئىختىساسلىق
دائىرە: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىتەبىئىي پەن
دائىرە: بىئولوگىيە(1) بىر قولنىڭ باشمالتىقى بىلەن چىمچىلىقى ئۇچىنى تۇتۇپ، ئىنتايىن كىچىك دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. (2) <بىئولوگىيە> دېگەن سۆزنىڭ قول ئىشارىتنىڭ (1) سىگە ئوخشاش.
微生物
wēi shēng wù
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.