Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىكرو تىۋىت
دائىرە: بىئولوگىيە微绒毛
wēiróngmáo
پلازما پەردىسىنىڭ سىرتقا قاراپ ئۇزىراپ چىققان ئۆسۈكچىلىرىدۇر. دىئامېترى تەخمىنەن 1.0 مىللىمكرو مېتر بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى مۇقىم بولمايدۇ، بۇ نۇرغۇنلىغان ھايۋان ھۈجەيرىلىرى، مەسىلەن، جىگەر، بۆرەك، ئۈچەي ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى قاتارلىقلاردا بولۇپ سۈمۈرۈلۈش يۈزىنى كېڭەيتىش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە. ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە ئۈچەي ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ يۈزى (ئۈچەي بوشلۇقىغا قارىغان تەرىپى) دىكى مىكرو تىۋىتلەر ئىنچىكە، ئۇزۇن بولۇپ، بىر مىكرومېترگە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە قەنتلىك كاسا دېيىلىدىغان كۆپ قەنت ئاقسىلىدىن ئىبارەت كومپلېكس بىرىكمىلىك بىر قەۋىتى بولىدۇ. تۇراقلاشتۇرۇپ بويالغان كەسمە ياپراقچىنى ئوپتىك مىكروسكوپتا كۆرگەندە چوتكىسىمان گىرۋەكتەك كۆرۈنىدۇ. يامان سۈپەتلىككە ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ مىكرو تىۋىتلىرى ئۇنىڭ راك بولمىغان توقۇلمىلارغا كېڭىيىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال微绒毛
wēi róng má
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.