Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىكېلسون
دۇنيا تارىخى
迈克耳孙
mài kè ěr sūn
(1852 - 1931) ئامېرىكىلىق فىزىك. پرۇسسىيىنىڭ ستنېنو دېگەن يېرى (ھازىر پولشاغا تەۋە) دە تۇغۇلغان. 1854-يىلى ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. 1873-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تېخنىكۇمىنى پۈتتۈرگەن. 1875 - 1879-يىلىرى ئانا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ چىققان. 1879-يىلى يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تارقىلىش سۈرئىتىنى ئېلان قىلغان. 1880 - 1883-يىللىرى پارىژ، بېرلىن ۋە ھېيدىلبېرگە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1889 - 1892-يىللىرى كراك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1892 - 1931-يىللىرى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا فزىكا پروفېسسورى بولغان. مىكېلسون ئىنتېرفېرومېتىرىنى كەشىپ قىلىپ، ئۇنى مىكرو ئۇزۇنلۇق، سۇندۇرۇش كوئېففىتسېنتى ۋە يورۇقلۇق دولقۇنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەشتە پايدىلانغان. 1887-يىلى ئامېرىكا خىمىيە ۋە فىزىكا ئالىمى مولېي (1838 - 1923) بىلەن بىللە، مەشھۇر (مىكېلسون - مولېي) تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، ئېفىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان سە نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1865-يىلىدىن كېيىن، يەنە ئىنتېرفېرومېتىردىن پايدىلىنىپ يورۇقلۇقنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنى بېكىتىپ چىققان ھەمدە بۇنى مۇتەلق ئۆلچەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1926-يىلى يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكىنى ئايلانما ئەينەك ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ ئىچىكە ھېسابلاپ چىققان. 1907-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. <يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى>، <يورۇقلۇق دولقۇنى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش>، <ئوپتىكا تەتقىقاتى> قاتالرىق ئەسەرلىرى بار