Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىكېلانگېلو
دۇنيا تارىخى
(1475 - 1564) ئىتالىيە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە ئۆتكەن ھەيكلەتىراش، رەسسام، ئارخېتېكتور ۋە شائىر. فلورېنسېيە ئەتراپىدىكى كاپرېس بازىرىدىكى سۇنغان كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1488-يىلى بىر مەزگىل فلورېنسېيىلىك رەسسام گېرلاندائو (1449 - 1494) نى ئۇستاز تۇتقان. كېيىن لورېنزو مېدىچنىڭ سارىيىدا تۇرۇپ مېدىچ جەمەتى يىغىپ ساقلىغان مول سەنئەت بۇيۇملىرى، بولۇپمۇ كلاسسىك دەۋرىدىكى ھەيكەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېسىل ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلغان. كىشى ئوبرازىنى يارىتىشقا ماھىر بولغا. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <داۋىد> ھەيكىلى (ئېگىزلىكى 4.4 مېتىر كېلىدۇ) بىلەن <مۇسا ھەيكىلى>، <ئىنجىلدىكى دۇنيانىڭ يارالمىش خاتىرىسى> دىكى ئەپسانىلەر ئاساسىدا رىمدىكى سىتىن چېركاۋىنىڭ تورۇسىغا سىزىپ بەرگەن تام سۈرەتلىرى ۋە شۇ چېركاۋنىڭ قۇببىسى ئۈستىگە سىزغان يەنە بىر تام سۈىرىت <قىيامەتتىكى سوراق> قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ رىمدىكى سان پېتر چوڭ چېركاۋىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ چېركاۋنىڭ گۈمبىزىنى ئۆزى لايىھىلەپ بەرگەن.