Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىكائېلىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى米卡艾丽丝
mǐ kǎ ài lì sī
(1872 - 1950) نېمىس مۇھاجىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن دانىيىلىك ئايال يازغۇچى، جامائەت ئەربابى. دانىيىدە تۇغۇلغان. گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردە تۇرغان. 1918-يىلىدىن باشلاپ ئۇزاق ۋاقىت دانىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقالغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ روھىي ھالىتىنى ماھىرلىق بىلەن سۈرەتلەپ بەرگەن؛ ئېزىلگۈچى ئىشچى - دېھقانلار، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداپ كەلگەن. ئۇنىڭ <بالىلار>، <خەتەرلىك ياش>، <ياخشى ۋە ياماننى ئېنىق ئاجرىتىدىغان دەرەخ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.