Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米歇尔
دۇنيا تارىخى
مىشېل
(1830 - 1905) 1871-يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئايال ئىنقىلابچىسى، يازغۇچى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1856-يىلى پارىژدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمدە سىياسىي پائالىيەتلەرەە قاتنىشىپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىگە قارشى چىقىپ بلانكىچىغا ئاي؟لانغان. 1870-يىل 31-ئۆكتەبىر، 1871-يىل 22-يانۋار ۋە 18-مارت قوزغىلاڭلىرىغا قاتناشقان. كوممۇنا دەۋرىدە <پارىژنى قوغداش ۋە يارىدالارنى قۇتقۇزۇش ئاياللار جەمئىيىتى> گە رەھبەرلىك قىلىپ، ۋېرسالغا يۈرۈش قىلىشنى قەتئىىي تەشەببۇس قىلغان. <ماي قانلىق ھەپتىسى> جېڭىگە قاتنىشىپ كوممۇنانىڭ <قىزىل قىزى> دەپ ئاتالغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يېڭى كالىدونىيە ئارىلىغا سۈرەۈن قىلىنغان. 1880-يىلدىكى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ سىياسىي كۈرەشكە يېڭىۋاشتىن ئاتلانغان. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزەىلى ئانارخىزمغا مايىل بولغان. 1883-يىلى ئىشسىز ئىشچىلارنىڭ نامايىشىغا قاتناشقانلىقتىن، تۇتقۇن قىلىنىپ 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، 1886-يىلىدىكى چوڭ كەچۈرۈمدىن كېيىن تۈرمىدىن چىققان. 1880-يىلى لىئوندا ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەنگلاىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئۇنىڭ <ئەسلىمە>، <نامراتلىق>، <كوممۇنا، تارىخ ۋە ئەسلىمىلەر>، <ھاياتىمدىكى سەرگۈزەشتىلىرىم> قاتارلىق ھېكايە ۋە ناخشىلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mǐ xiē ěr
مىشېل
米歇尔〈加〉
mǐ xiē ěr
مىشېل