Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米希阿诺
دۇنيا تارىخى
مىسيانو
(1841 - 1936) ئىتالىيە ئىشچىلار ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. 1907-يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلاr پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1908 - 1941-يىللىرى نېئاپول سوتسىيالىزم ئىتتىپاقى ۋە يەرلىك تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1916-يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنغان، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى رەت قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، شۋېتسارىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان، شۋېتسارىيىدە تۇرۇۋاتقان ئىتالىيە سوتسىيالىستلىرى تەشكىلاتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. 1918-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، ئىتالىيە مۇداخىلىچى قوشۇنلىرى ئىچىدە ئۇرۇشقا قارشى تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، سەپەر ئۈستىدە 1919-يىلىدىكى بېرلىن يانۋار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئون يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. ئىتالىيە ئىشچىلىرى بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇنى پارلامېنتقا سايلاپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيە سول قانات سوتسىيال دېموكراتلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئاخىرى قويۇۋېتىلگەن. كېيىن ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىگە پائال قاتناشقان ھەمدە 1921-يىلى قۇرۇلغان ئىتالىيە كومپارتىيىسىگە قاتنىشىپ، ئىتالىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، بىراق ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ پارلامېنت ئەزالىق سالاھىيىتىنى تارتىۋېلىپ، يەنە بىر قېتىم ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەلدە تۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر خەلقئارا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، خەلقئارا ئىشچىلار ھەمكارلىق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن.