Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىيۇنستېر كوممۇنىسى
دۇنيا تارىخى
明斯特公社
míng sī tè gōng shè
(1534 - 1535-يىللىرى قايتا ھوقۇندۇرغۇچىلار مىيۇنىستېر شەھىرى )فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان( دە قۇرغان ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت. 1534-يىلى 2-ئايدا قايتا ھوقۇندۇرغۇچىلار مىۇنىستېردىكى كەمبەغەللەرنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، شەھەر خوجىسى )ئېپىسكوپ( نى قوغلىۋېتىپ، يېڭى شەھەر مەمۇرىيىتى ئورگىنى قۇرغان، ئۇنىڭغا دەسلەپتە يان ماتىس رەھبەرلىك قىلغان، ئۇ جەڭدە ئۆلگەندىن كېيىن )لېيدېن شەھىرىدىكى( ئىئوئانن رەھبەرلىك قىلغان، كوممۇنا بەزى تەڭ تەقسىماتچىلىق تەدبىرلىرىنى قوللانغان، مەسىلەن: چېركاۋ مۇناستىرلارنىڭ مال - مۈلكى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، جامائەت ئېھتىياجىغا ئىشەنگەن؛ پۇلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سودا ھايانكەشلىكىنى مەنئى قىلغان؛ ئاھالىلەر جامائەت پاراۋانلىقى ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شەھەر مۇداپىئەسىگە قاتناشقان؛ ئاشلىق ۋە كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى، كىچىك ئۇستىخانىلار ۋە ئۈلۈشلۈك يەرلەر خۇسۇسىيلارغا تەۋە بولغان؛ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان ياكى جەڭدىن باش تارتقانلىكى كىشىلەرگە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا قەدەر جازا بېرىلگەن. كوممۇنا گېرمانىيە ۋە نىدېرلاندىيىدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، كۈرەشنى تاكى 1535-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېپىسكوپ ئارمىيىسى مىۇنىستېر شەھىرىنى ئىشغال قىلغانغا قەدەر 16 ئاي داۋاملاشتۇرغان.