Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ميۈنزېر
دۇنيا تارىخى
闵
mǐn
(تەخمىنەن 1490 - 1525) دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە 1524 - 1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشىدىكى دېھقان - ئاددىي خەلق ئارىسىدىن دۇنياغا كەلگەن مۇتەپپەككۇر ۋە يولباشچى. ستولبېرگ (سابىق دېموراتىك گېرمانىيىنىڭ كارل ماركس رايونىدا) دا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن بولۇپ، يۇنان، ھېبرى تىللىرى ۋە گۇمانىزملىق ئەدەبىياتنى پىششىق ئىگىلىگەن. لېپيسىگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىئولوگىيە دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەمدە ھاللې (سابىق دېموراتىك گېرمانىيىنىڭ ھاللې رايونىدا) دىكى ئاياللار مۇناستىرىنىڭ پاتىرى بولغان. مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ، ماگدېبۇرگ (گېرمانىيىنىڭ ماگدېبۇرگ رايونىدا) نىڭ ئارخېئېپىسكوپى ۋە كاتولىك چېركاۋىغا قارشى تۇرغان. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مارتىن لوتېرنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىغان، بىراق ئۇ، مارتىن لوتېرغا قارىغاندا تېخىمۇ رادىكالراق يول تۇتقان. 1520-يىلى تىسۋىككاۋغا كېلىپ باستېرلىق قىلغاندا، پروتىستانت دىنىنىڭ ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلغان ھەمدە شۇ يەردىكى قايتا چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى تەرەپدارلىرى ھەرىكىتىنى قوللىغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 1521-يىلنىڭ ئاخىرى پىراگاغا بېرىپ، خۇسچىلارنىڭ قالدۇق مۇرتلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 1522-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، تېيۇرگىنىڭ ئارىسېد شەھىرىدە باستېرلىق قىلغان. ئۇ، مارتىن لوتېرغا ئوخشاش بولمىغان دىنىي ۋە سىياسىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئىنجىلنىڭ بىردىنبىر ۋە قىلچە شۈبھىسىز ۋەھى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ھەقىقىي ۋەھى ئەقىل دەپ قارىغان؛ ئەقىل - ئېتىقاد دېمەكتۇر؛ جەننەت باقى ئالەمدە ئەمەس، بەلكى پانى ئالەمدە، مۇخلىسلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇ دۇنيادا جەننەت بەرپا قىلىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان؛ نىسپىي پەرق بولمىغان، خۇسۇسىي مۈلۈك بولمىغان، خەلق ئۈستىدە ھۆكمۈرانلىق قىلىدىغان دۆلەت ھاكىمىيىتى بولمىغان، ھەممە ئادەم باب - باراۋەر بولغان غايىۋى جەمئىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ميۇنزېر 1524-يىلى 8-ئايدا ميۇلخاۋىسېن، نيۇرىنبېرگ ئارقىلىق شۋابىيە، ئالساس قاتارلىق جەنۇبىي گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ بەش ئاي پائالىيەت قىلغان، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، پۈتۈن گېرمانىيە بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان. ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا شۋابىيە رايونىدىكى قوزغىلاڭچىلار 1524-يىلنىڭ قىش پەسلىنىڭ ئاخىرى ياكى 1525-يىلنىڭ باھار پەسلىنىڭ باشلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ كۈرەش پروگراممىسى <مەكتۇپ> نى تۈزۈپ چىققان. 1525-يىلىۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.