Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米提利尼
دۇنيا تارىخى
مىيتىلېنى
مىيتىلېنا دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان شەھىرى. لېسبوس ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا) نىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، كىچىك ئاسىيادىكى ئېئولىس بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇ گرېتسىيىدىن كەلگەن ئىئولى كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغانىكەن. بۇ يەر تەبىئىي پورت بولۇپ، ستراتېگىيە ۋە سودا جەھەتتىن مۇھىم جاي بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە تىران ھۆكۈمرانلىقى يولغا قويۇلغان (مىلادىدىن تەخمىنەن 611 يىل ئىلگىرى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان). ئاددىي خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر كۈرىشى داۋامىدا پىتاكۇس (گرېتسىيىدىكى <يەتتە ئەۋلىيا> نىڭ بىرى) قا ئىستىبداتلىق ھوقۇق بېرىلگەن. ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتا بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەرنى قوغلىۋەتكەن ھەمدە مىيتىلېنېىڭ دېڭىزدىكى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كەڭ كۆلەمدە مۇستەملىكە قۇرغان، ھېللېسپونت بوغىزىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا سىگېئۇمنى بەرپا قىلىش تۈپەيلىدىن ئافىنا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، كورىتوس تىرانى پېرىئاندېرنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن سېگېئۇمنى ئافىناغا قايتۇرپ بەرگەن. مىيتىلېنى ئەتراپىدا يەنە ئاسسوس، ئانتاندرۇس قاتارلىق شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزەىلىدە پېرسىيىگە قارام بولغان، كامبېس مىسىرغا ھەربىي يۈرۈش قىلغاندا ۋە دارىئۇس سىكتايلارغا يۈرۈش قىلغان چاغدا ئەسكەر چىقىرىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا ئافىنا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، بىراق ئافىنانىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىدىن نارازى بولغان. مىلادىدىن 428 يىل ئىلگىرى (پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى) لېسبوس ئارىلىدا يۈز بەرگەن ئافېناغا قارشى قوزغىلاڭغا باشلامچىلىق قىلىپ، مەغلۇپ بولۇپ، قاتتىق باستۇرۇلغان، ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، شەھەر سېپىلى چۇۋۇپ تاشلانغان، ھەربىي كېمىلىرى مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىيتىلېنې ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىدىن پەيدىنپەي مەھرۇم بولغان. مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ مۇئەييەن ئورۇندا تۇرغان. شائىرە ساپو (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅵ ئەسىرلەر ئەترپىدا ئۆتكەن) مۇشۇ جايدا تۇغۇلغان.