Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米特雷
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mǐ tè léi
مىترې
دۇنيا تارىخى
مىتىرى
(1821 - 1906) ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى (1862 - 1868). روساسنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، ئۇرۇگۋاي، بولىۋىيە، پېرو ۋە چىلى قاتارلىق ئەللەردە قېىچپ يۈرۈپ، ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1852-يىلى مەملىكەت ئىچىدىكى روساسنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ۈرەشكە قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ يولباشچىسى بولۇپ ئولكېسا فېدېراتسىيە تەرەپدارلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت توقۇنۇشقان ۋە ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1861-يىلى پائون جېڭىدە ئولكېسانى ئاخىرى مەغلۇپ قىلغان. 1862-يىلى زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. برازىلىيە، ئۇرۇگۋاي بىلەن بىرلىشىپ پاراگۋايغاقارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، تولۇق غەلىبە قىلغان. زۇڭتۇڭلۇق قەرەلى توشقاندىن كېيىن ئارگېنتىنا - برازىلىيە چېگرا سۆھبىتىگە قاتناشقان. 1874-يىلى زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. كېيىن توپىلاڭ كۆتۈرۈپ يەنە مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <بېلگرانونىڭ ھاياتى ۋە ئارگېنتىنانىڭ مۇستەقىللىكى>، <سان - مارتىننىڭ ھاياتى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىقى> قاتارلىقلار بار.