Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېيسكو
دائىرە: دۇنيا تارىخى梅什科一世
méi shén kē yí shì
(تەخمىنەن 922 - 992) پولشا كىنەزى (تەخمىنەن 960 - 992). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، چوڭ پولشا (ھازىرقى پولشانىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرگەن ھەمدە چېخ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي سلاۋىيانلار زېمىنىغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرغان؛ مىلادى 966-يىلى كاتولىك دىنىنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەڭ تارقاتقان، بۇ ھال كىنەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن، پولشانىڭ غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن ھەمدە پولشانىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن.
دائىرە: دۇنيا تارىخى梅什科二世
méi shén kē èr shì
(990 - 1034) پولشا كورۇلى (1025 - 1034). بولېسلاۋ Ⅰ (باتۇر) نىڭ ئوغلى ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەتنىڭ ھالى خارابلاشقان. ۋېنگرىيە سلوۋاكنى تارتىۋالغان (1027)، مولداۋىيە چېخنى قايتۇرۇۋالغان (1029). مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى مېيسېن رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان، كيېۋ رۇسلىرى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بەزى شەھەرلەرنى يېڭىۋاشتىن كونترول قىلىۋالغان. 1031-يىلى ئىنىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان، ياندۇرقى يىلى چېخ كورۇلىنىڭ قوللىشى بىلەن قايتىدىن تەختكە چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.