Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ميېروسلاۋسكى
دۇنيا تارىخى
梅洛斯拉夫斯基
méi luò sī lā fū sī jī
(1814 - 1878) پولشا بۇرژۇئا دېموكراتى. فرانسىيىدە تۇغۇلغان. پولشادىكى 1830-يىلى ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كېيىن پارىژدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1846-يىلى پوزنان قوزغىلىڭىنى ئۇيۇشتۇرغان، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي قولغا ئېلىنىپ، بېرلىندا قامالغان. 1848-يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، يەنە پوزنان قوزغىلىڭىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغارەھبەرلىك قىلغان، ئۇ پرۇسسىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ياندۇرقى يىلى ستسىلىيە ئىنقىلابى ۋە بادېن قوزغىلىڭىغا قانتاشقان. 1863 - 1864-يىللىرىدىكى پولشا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، <قىزىل پارتىيە> ئوڭچىلىرىنىڭ يولباشچىسى بولغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭ <پولشا ئىنقىلابى تارىخى>، <1830 - 1831-يىللاردىكى پولشادىكى مىللىي قوزغىلاڭ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.