Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
民族大迁徒
دۇنيا تارىخى
مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشى
ۋارۋارلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزەىللىرىدىكى گېرمانلارنى ئاساس قىلغان <ۋارۋارلار> نىڭ ئۇزاققىچە يۆتكىلىش، ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىش ۋە دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي جەرياننى كۆرسىتىدۇ. گېرمانلارنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇقلىرى ئاساسەن رېين دەرياسىنىڭ شەرقى، ۋىسلا دەرياسىنىڭ غەربى، دوناي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارغا تارقالغان. ئادەتتە، بۇ ئومۇميۈزلۈك ۆچۈش دولقۇنىنى ئاسىيادىن كەلگەن بىر تۈركۈم ھۇنلار بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىلىدۇ. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ھۇنلار شەرقتىن غەربكە كۆچۈپ، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا يېتىپ بېرىپ، شۇ چاغدا بۇ رايوننى ئىگىلەپ تۇرغان گوتلارنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى غەربىي گوتلار دەپ ئاتىلىدىغان بىر تارماق ئايلىنىپ كۆچۈپ يۈرۈپ داكىيىگە يېتىپ بېرىپ، رىم دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مىسىيە ۋە تىراكىيە رايونىغا كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي غەربىي گوتلار رىمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئادرىئانوپول ئۇرۇشىدا ئىمپېراتورى ۋالنېس (مىلادى 378-يىلى) نى ئۆلتۈرگەن كېيىنئىتالىيىگە يۈرۈش قىلىپ، رىم شەھىرىنى (410-يىلى) ئىشغال قىلغان. يەنە گاللىيە (ھازىرقى فرانسىيە رايونى) ئارقىلى ئىسپانىيىگە كىرىپ، تۇنجى <ۋارۋارلار> پادىشاھلىقى - <غەربىي گوت پادىشاھلىقى> (419-يىلى) نى قۇرغان، گېرمانلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى بولغان ۋانداللار ئەسلىدە ئودېر دەرياسى بىلەن ۋىسلا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن غەربكە كۆچۈپ، رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاللىيىگە كىرىپ، كۆچۈپ يۈرۈپ ئىسپانىيىگە بارغان. غەربىي گوتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ۋانداللار جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ (429-يىلى) ئافرىقىغا كىرەەن. ئۇنىڭدىن كېيىن نومىدىيە ۋە كارفاگېن دېگەن قەدىمكى جايلاردا ئىككىنچى <ۋارۋارلار> پادىشاھلىقى ( <ۋانداللار پادىشاھلىقى> )439-يىلى( نى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا گېرمان قەبىلىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كۆچكەن ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت قۇرغان. ئاساسلىقى فرانكلار ۋە بۇرگۇندلارنىڭ گاللىيىگە كىرىشى، شەرقىي گوتلار ۋە لومباردىلارنىڭ ئىتالىيىگە كىرىشى، ئانگلولار ۋە ساكسونلارنىڭ برىتانىيىگە كىرىشى قاتالىقلاردىن ئىبارەت. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ھۇنلار )غەيرىي گېرمانلار( نىڭ بىر تارمىقى ئاتتىلانىڭ باشچىلىقىدا شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپانى كېزىپ چىققان، كېيىن قوشۇنى پارچىلىنىپ كەتكەن. مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشى بىلەن رىمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خەلق قوزغىلاڭلىرى قوشۇلۇپ، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛<ۋارۋارلار> پادىشاھلىقلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ياۋروپانىڭ قۇللۇق جەمئىيىتىدىن فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئۆتكەنلىكىنىڭ مۇھىم تارىخىي مەزمۇنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
mín zú dà qiān tú
مىللەتلەر كۆچكۈنى