Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米涅
دۇنيا تارىخى
مىگنې
(1794 - 1884) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. ياشلىق دەۋرىدە قانۇن ئوقۇغان. تىرىلىش دەۋرىدە پارىژدا گېزىت چىقىرىپ، بوربون خاندانلىقىغا قارىش تۇرغان. 1830-يىلىدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ھىمايە قىلغان. 1830 - 1848-يىللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1836-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىلغار مەيداندا تۇرۇپ سىنىپىي كۈرەشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان، بۇرژۇئازىيىنىڭ فېئوداللارغا قارشى كۈرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇردۇئازىيىنىڭ ئىنقىلاب قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بىراق پرولېتارىياتنىڭ بۇردۇئازىيىگە قارشى كۈرىشىنى ئىنكار قىلغان. كېيىن ⅥⅩ ئەسىر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەھەر كوممۇنىسىنىڭ يۈكسىلىشىگە يۈكسەك باھا بەرگەن. ئۇنىڭ <فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى>، <مارىي ستوئارت تەرجىمىھالى>، <فرانسېس Ⅰ بىلەن چارلېس Ⅴ نىڭ كۈرىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ
mǐ niè
مىگنې