Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
明那
دۇنيا تارىخى
مىنا
بىر خىل مېتال ئېغىرلىق بىرلىكى ھەم پۇل بىرلىكى. قەدىمكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ ئىشلىتىلگەن. ئوخشاش بولمىغان رايون ۋە ئوخشاش بولمىغان دەۋردە ئۇنىڭ ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن، ئاسسۇرىيىدە بىر مىنا 543 گرام (تەخمىنەن ئاتمىشتىن بىر تارانتون) غا تەڭ بولغان؛ بابىلوندا بىر ئېغىر مىنا 1.01 كىلوگرامغا، بىر يىنىڭ مىنا 505 گرامغا تەڭ بولغان، مىسىر (پتولېمېي دەۋرى) دا بىر مىنا 491 گرامغا تەڭ بولغان؛ يۇنان (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىكى سولون دەۋرى) دە بىر ئاتتىكا مىناسى 425 گرامغا تەڭ بولغان؛ رىمدا بىر مىنا 544 گرامغا تەڭ بولغان. ئۇ گرېكلارنىڭمۇ پۇل بىرلىكى بولۇپ، بىر مىنا (تەخمىنەن 631 گرام) 50 سىتاتقا يەنى 100 دراكماغا تەڭ بولغان.