Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米留金
دۇنيا تارىخى
مىليۇتىن
(1816 - 1912). روسىيە مارشالى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى (1861 - 1881). ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1836 - 1839-يىللىرى گۋاردىيە ئارمىيىسى باش شتابىدا خىزمەت ئۆتىگەن. 1839 - 1945-يىللىرى كاپكاز، قارا دېڭىز قاتارلىق جايلاردا ھەربىي سەپتە بولغان. ھەربىي ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. قىرىم ئۇرۇشىغا قاتناشقان. قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان مەزگىلىدە، پولشا قوزغىلىڭىنى (1873 - 1864) ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان، ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش سىياسىتىنى پائال يولغا قويغان ھەمدە ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ پرۇسسىيىچە ھەربىي تۈزۈمنى بىكارق ىلغان؛ ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر بولۇش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا مەجبۇرىي ئەسكەرلىك تۈزۈمنى دەسسەتكەن؛ باش شتاب تەسىس قىلىپ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان؛ تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلىغان. بىراق بۇ ئىسلاھات ئۈزۈل - كېسىل بولمىغان ئىسلاھات بولۇپ، قوشۇن ئىچىدە قويۇق فېئوداللىق قالدۇرقلىرى ساقلانغان. ئۇنىڭ <1799 - يىل پاۋېل Ⅰ دەۋرىدىكى روسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى تارىخى> قاتالرىق ھەربىي ئىشلار تارىخى، ھەربىي ئىشلار ستاتىستىكا ئىلمى ۋە جۇغراپىيىگە دائىر كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار.