Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米勒兰
دۇنيا تارىخى
مىللېران
(1859 - 1943) فرانسىيە زۇڭتۇڭى (1920 - 1924). ئوڭ قانات سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، ئادۋوكاتلىقتىن كېلىپ چىققان. ئىش تاشلاش ۋەقەسىنى ئاقلاش بىلەن نام چىقارغان. 1885-يىلى سوتسىيالىست سالاھىتى بىلەن پارلاېمنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1889-يىلى <سادا گېزىتى>، 1893-يىلى <كىچىك جۇمھۇرىيەت گېزىتى> نى چىقىرىپ، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى ۋە يىرىك سانائەتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش يولى بىلەن سوتسىيالىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان. 1899-يىلى 6-ئايدا ۋالدېڭ - رۇسسۇ كابىنېتىغا قاتنىشىپ، سودا مىنىستىرى بولغان (بۇ ۋەقە تارىختا <مىللېراننىڭ كابىنېتقا قاتنىشىش ۋەقەسى> دەپ ئاتالغان. <مىللېرانىزم> غا قارالسۇن) 1904-يىلى فرانسىيە سوتسىيالىستلاr پارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كېيىن، بىرىئان، ۋىۋىئانى بىلەن بىرلىشىپ مۇستەقىل سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى قۇرغان. 1909 - 1910-يىللىرى جامائەت قۇرۇلۇش -بىنكاكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ، تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلاش كۈرىشىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 9121 - 1913-يىلى ۋە 1914 - 1915-يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولۇپ، ئۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلغان. 1918-يىلى ئېتىكا ۋە سىياسىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1919-يىلى ئىلزاس - لوتارىنگىيە ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بولغان. 1920-يىلى زۇڭلى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، گېرمانىيىنى <ۋېرسال شەرتنامىسى>نى ئىجرا قىلىشقا زورلاپ، پولشانىڭ سوۋېت روسىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، زرڭتۇڭنىڭ ھوقۇقىنى كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەيتكەن. 1924-يىلى 6-ئايدا، سول قاناتلارنىڭ قىستىشى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن كېڭەش ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ <ئىسلاھ قىلىنغان سوتسىيالىزم>، <دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن> ناملىق ئەسەرلىرى بار.