Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
密拉特审判案
دۇنيا تارىخى
مېئېرۇت سود دېلوسى
ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ھىندىستان ئىشچىلار ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان سۇيىقەستلىك دېلو. 1929-يىلى 3-ئايدا، بومبيا قىزىل بايراق ئىشچىلا ئۇيۇشمىسى قوزغىغان ئىش تاشلا ئەنگلىيە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەرھال باستۇرۇلغان. 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن جەمئىي 31 نەپەر كىشى قولغا ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 14 نەپىرى كوممۇنىست ئىدى. ئۇلار دېھلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مېئېرۇت قەلئەسىگە يالاپ بېرىلىپ تۈرمىگە سولانغان ۋە سوراق قىلىنغان. ئۇلارغا <كورۇلىۋا ئالىيلىرىغا قارشى تۇرۇش سۇيىقەستىدە بولغان>، <ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغان>، <ئەنگلىيە كورۇلىنىڭ ھىندىستاندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى بىكارق ىلماقچى بولغان> دېگەندەك بەدناملار چاپلانغان. سوراق جەريانىداكوممۇنىستلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. پۈتۈن ھىندىستاندا ۋە ھەرقايسى چوڭ مەركىزىي سانائەت شەھەرلىرىدە مېئېرۇت <مەھبۇس> لىرىنى ئاقلاش كومىتېتلىرى قۇرۇپ، سوراققا تارتىلغۇچىلارغا ياردەم بەرگەن. ئۈچ يېرىم يىلغا سوزۇلغان سوراق جەريانىدا، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نارازىلىق يىغىنلىرى ۋە نامايىشلىرى قايتا - قايتا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە خەلقئارادا ئەكس تەسىر قوزغىغان. 1933-يىلى 1-ئايدا، سوت قىلىنغۇچىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن، جازا مۇددىتى ئوميۈزلۈك قىسقارتىلغان.