Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米拉波
دۇنيا تارىخى
مىرابۇ
(1749 - 1791) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1767-يىلى ئارمىيىگە قاتناشقان. 1770-يىلى ھەربىي سەپتىن بوشانغان. ئىنقىلابتىن بۇرۇن شاللاقلىق قىلىپ، كۆپ قېتىم قاماققا ئېلىنغان، كېيىن ئۇزاق ۋاقىت چەت ئەلدە تۇرغان. 1785-يىلى پارىژغا قايتىپ كەلگەن. ئىكىنچى يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى پرۇسسىيىگە مەخپىي ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. 1787-يىلى <نۈيۈك ئىمپېراتور فرىدرىخ ھۆكۈمرانلىقىدىكى پرۇسسىيە پادىشاھلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى> ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان. 1789-يىلى ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئۈچىنچى دەرىجىلىكلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 23-كۈنى پادىشاھ مىلىي پارلامېنتنى تارقىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قارشى تۇرغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى مەزەىلىدە، ئىستىبدات ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى تەنقىد قىلىدىغان، خەلق ھوقۇقىنى تەرغىپ قىلىدىغان نۇرغۇن نۇتۇقى سۆزلەپ، بىر مەھەل پارلامېنت مۇنبىرىنى ئىگىلىگەن. بىراق ئۇ ئەنگلاىيىچە - پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، پادىشاھقا مۇتلەق رەت قىلىش ھوقۇقى ۋە ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1790-يىلدىن تارتىپ ئىنقىلابتىن يۈز ئۆرۈپ، ئوردا بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان. ئىكىنچى يىلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن. ئۇنىڭ نۇتۇق ۋە خەت - چەكلىرى توپلىمى بار.