Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
米德哈特
دۇنيا تارىخى
مىدھەت
(1822 - 1884) ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى (1872، 1876 - 1877-يىلىرى)، يېڭى ئوسمان جەمئىيىتى ۋە تۈركىيە ئاساسىي قانۇنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. قازى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ياشلىق دەۋرىدىلا ئەمەل تۇتقان. 1864 - 1868-يىللىرى دوناي دەرياسى بۇلغارىيە ئۆلكىسىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان، 1869 - 1872-يىللىرى باغداتنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئىككى جايدىكى مىلىي مۇستەقىللىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرغان. 1872-يىلى 8-ئايدا بىر مەزگىل باش ۋەزىر بولغان. ئۇ پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، مالىيە ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئىسلا قىلىپ، ئىپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن. 1876-يىلى يېڭى ئوسمانىلار سىياسىي ئۆزەىرىشىدىن كېيىن قايتا باش ۋەزىر بولغان، تۈكرىيىنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىققان. ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا ئابدۇل ھەمىد Ⅱ تەرىپىدىن خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، سۈرگۈن قىلىنغان. ۋەتەنگە قايىپ كەلگەندىن كېيىن، 1881-يىلى يەنە تۇتقۇن قىلىنغان. 1884-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان جايدا ئۆلتۈرۈلگەن.