Uyghurئاساسىي لۇغەت
ميازېدى ئابىدىسى
دۇنيا تارىخى
بىرمىنىڭ قەدىمكى ئابىدىسى. پاگاننىڭ جەنۇبىدىكى مىيازېدى (كۆك مۇنار دېگەن مەنىدە) يېنىدا تېپىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئابىدە 1131-يىلى تۇرغۇزۇلغان، ئابىدىنىڭ تۆت تەرىپىگە بالى، مونىس، بىياۋ ۋە بىرما يېزىقلىرى بىلەن شاھزاد يازكۇمارنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشپ قالغان ئاتىسى كيانزىتتاغا ئالتۇن بۇددا تەقدىم قىلغان ۋە بۇتخانا ياسىغان ئىشلىرى ئويۇلغان. بۇ ئابىدە قەدىمكى بياۋ يېزىقى ۋە بىرما تارىخى يىلنامىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە