Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېھرىبان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جان كۆيەر، شەپقەلتىك:
زاھىد پاكبار ئەگەر بادەنى ئەيلەر ئېئتىرزار،
قورقما سۇراھى بويلۇغۇم تۇت ماڭا مېھرىبان قەدەھ.
زەلىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىم - شەپقەتكە ئىگە، رەھىم قىلىدىغان.
رەھىملىك يەرگە قارىماس. رەھىملىك بول، رەھمەت ئال. شەپقەتسىز چىرايلىق بولغۇچە، كۆيۈملۈك سەت بول. كۆيۈملۈك كۆيدۈرىدۇ. ئاپئاق بالام - كۆيۈمچان بالام. مېھرىبان مېھرىباندىن تۇغۇلىدۇ. تۈلكە ئاق چاچ سېلىۋالغىنى بىلەن مېھرىبان بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
رەھىم - شەپقىتى بار، مېھرى - مۇھەببەتلىك.
رەھىمسىز، كۆيۈمسىز، شەپقەتسىز، باغرى تاش، تاش يۈرەك
رەھىم - شەپقىتى يوق، مېھرى - مۇھەببىتى يوق.
رەھىمسىز ئادەمدىن رەھىملىك ئىت ياخشى، رەھىمسىزدىن رەھمەت كۈتمە. رەھىمدىل ئادەم ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ. رەھىمسىز ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرى قىسقا. شەپقەتسىز چىرايلىق بولغۇچە، كۈيۈملۈك سەت بول. كۆيۈمچان كۆيدۈرىدۇ. مېھرىبان مېھرىباندىن تۇغۇلىدۇ. كۆڭلى يۇمشاق كۆڭلەكسىز قالىدۇ. بارى تاشتىن ۋاپا كەلمەس. تاش يۈرەك بالىدىن ئانىنىڭ يۈرىكى زىدە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
باشقىلارغا شەپقەت قىلىدىغان، كۆيۈنىدىغان، كۆيۈمچان، غەمخور.
مەن ئۇنىڭ مېھرىبان ئانىلاردەك بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ماڭا بەرگەن ئاشۇ تەربىيىسنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالالايمەن؟!
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، قاھار جېلىلنڭ پوۋېستلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985 - يىل 3 - ئايدا نەشر قىلىنغان. توپلامغا <مېھرىبان>، <ئەپۇ>، <تۇرمۇش قاينىمىدا> قاتارلىق ئۈچ پوۋېستى كىرگۈزۈلگەن. <مېھرىبان> پوۋېستىدا ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئاق كۆڭۈل، ئىرادىلىك دوختۇر مېھرىباننىڭ ئوبرازى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
مېھرىۋان، مېھرىۋانگۈل
مېھرىلىك، كۆيۈمچان
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە، پارىسچە
سېھىرلىك، ئۆزىگە تارتقۇچى