Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىھنەھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئىلغاش>، <سوراق قىلىش> دېگەنلىك بولىدۇ. ئادەتتە ئابباسىيلار سۇلالىسى 833 - يىلىدىن 488 - يىلىغىچە مۇئتەزىلىيە ئەقىدىسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن تەسىس قىلغان قازىخانىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئمۇن مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ قازىسى ئەھمەد ئىبنى ئەبى دۇئاد (776 - 854) نىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن 827 - يىلى پەرمان چىقىرىپ، <>قۇرئان كەرىم< يارالغان زات> دېگەن ئەقىدىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىقادى قىلىپ جاكارلىدى. 833 - يىلى باغدات ۋالىسى ئىسھاق بىننى ئىبراھىمغا تۆت قېتىم مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنى قول ئاستىدىكى قازىلارنى سوراق قىلىشقا، يۇقىرىقى ئەقىدىگە قارشى تۇرغانلارنىڭ ئەمىلىنى ئېلىۋېتىپ جازالاشقا، قازىلار ياردەمچىلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ ئېتىقادىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇدى. باغداتتىكى مەشھۇر يەتتە ئۆلىمانى ۋە جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان 20 نەچچە مۇسۇلماننى مەھكىمە شەرئىگە چاقىرىپ كېلىپ، بۇ ئەقىدىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگۈزدى. كېيىن بۇ ئەقىدىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ئىبنى ھەنبەلى ۋە ئىبنى نۇھنى مەئمۇن ۋىزانتىيە ئىمېرىيىسىگە يۈرۈش قىلغان ئۆتەڭ تارسۇس (ھازىر تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە) قا يولغا سالدى. ئۇلار سەپەر ئۈستىدە مەئمۇننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئارقىغا ياندى. ئىبنى نۇھ سەپەر ئۈستىدە جان ئۈزدى. خەلىپە مۆئتەسىم (833 - يىلىدىن 842 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) تۈرمىدىكى ئىبنى ھەنبەلىنى ئۆزى سوراق قىلدى. سوراق ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنى باش ئەگدۈرەلمەي، قامچا بىلەن جازالىدى. كېيىن ئەلنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن قورقۇپ ئۇنى قويۇۋەتتى. خەلىپە ۋاشىق (842 - يىلىدىن 861 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) باغداتتا ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەردە مەشھۇر ئۆلىمالارنى سوراق قىلىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئەقىدىگە قارشى تۇرغانلارغا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلدى. خەلىپە مۇتەۋەككىل (847 - يىلىدىن 861 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ئىككنچى يىلى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ يۇقىرىقى ئەقىدىنىڭ ھۆكۈمەت ئەقىدىسى بولۇشىنى بىكار قىلدى. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىلدى.