Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىگۇئېل ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
米格战争
mǐ gé zhàn zhēng
1832 - 1834-يىلىرىدىكى پورتۇگالىيىدىكى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنچىلار بىلەن مۇستەبىتلىك تۈزۈمنى قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش. 1826-يىلى 3-ئايدا پورتۇگالىيە كورۇلى يوئو Ⅵ (1767 - 1826) ئۆلگەندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى برازىلىيە ئىمپېراتورى پېدرو Ⅰ پورتۇگالىيە پادىشاھلىق تەختىگە چىققان. ئۇزاق ئۆتمەي پېدرو Ⅰ پورتۇگالىيە پادىشاھلىق تەختىنى يەتتە ياشلىق قىزى مارىيە داگلورىيەگە بوشىتىپ بەرگەن، يېڭى كورۇلىۋانىڭ تاغىسى، چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان مىگۇئېل (1802 - 1866) نى نائىپ قىلىپ بەلگىلىگەن. 1828-يىلى مىگۇئېل لېسابونغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ۋە مىسسىئۇنېرلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆزىنى كورۇل دەپ ئېلان قىلغان ھەمدە پېدرونىڭ 1826-يىلى تۈزۈپ چىققان ئاساسىي نىزامنى چۆرۈپ تاشلاپ، مۇستەبىت تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1831-يىلى پېدرو ياۋروپاغا قايتىپ كېلىپ، ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشپ، قىزى ئۈچۈن پادىشاھلىق تەختىنى تارتىپ ئېلىپ بەرمەكچى بولغان. 1832-يىلى 7-ئايدا پېدرو چەت ئەلدە تەشكىللەنگەن ئاساسىي قانۇنچىلار قوشۇنىنى باشلاپ، بورتودا قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە بۇ شەھەرنى تارتىۋالغان. ئىككىنچى يىلى لېسابوننى ئىشغال قىلغان. 1834-يىلى 5-ئايدا مىگۇئېل تەسلىم بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ، ئۇرۇش ئاياغلاشقان. شۇ يىلى 9-ئايدا مارىيە داگلورىيە پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، ئۆزىنى مارىيە Ⅱ دەپ ئاتىغان.