Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېگارا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
墨伽拉
mò gā lā
دۇنيا تارىخى
麦加拉
mài jiā lā
قەدىمكى يۇناننىڭ مۇھىم شەھىرى. مېگراىس رايونىنىڭ پايتەختى، سالونىكا لىمانىنىڭ قىرغىقىدا بولۇپ، سالامىن ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىدا. ئورنى ئافىنا بىلەن كورنتوستىن ئىبارەت ئىككى چوڭ شەھەر دۆلىتىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ئافىناغا تەخمىنەن 42 كىلومېتىر، كورىنتوسقا 50 كىلومېتىر كېلىدۇ. دەسلەپ مېگارا بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا لېلېگېلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بىر مەزەىل ئانتېكا (ئافىنا) لىقلارغا بېقىندى بولغان. كېيىن دوررېيانىلار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنىپ، كورىنتوسقا قارام بولغان. بۇ يەر دېڭىز سودىسىغا ئەپلىك ھەمدە ئوبدان تەبىئىي پرىستانغا ئىگە بولغانلىقتىن، تېز بېيىپ، تەسىر كۈچى كۈنسايىن زورىيىپ بارغان ھەمدە مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. سىرتتا بىرقانچە مۇستەملىكىلەرنى بەرپا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەشھۇرلىرى بوسفور بوغۇزىنىڭ ئىكى يېنىدىكى خالسېدون بىلەن ۋىزانتىيىم (ۋىزانتىيە) ۋە سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مېگارا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دېڭىزدىكى مەنپەئەتنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇپ، ئافىنا بىلەن سالامىن ئارىلىنى تىزەىنلەش ھوقۇقىنى (بۇ ئارال ئاخىرى ئافىنانىڭ قولىغا ئۆتكەن) تالىشىپ كەلگەن. دەسلەپ ئاقسۆڭەكلەر سىياسىينى يولغا قويغان بولۇپ، مىلادىدىن 620 يىل ئىلگىرى ئاددىي خەلقنىڭ يولباشچىسى تېئاگېن ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىۋالغان (كېيىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلگەن)، كېيىن دېموكراتىك سىياسىيگە ئۆزگەرتىلگەن؛ ئاددىي خگلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق ۋاقىت كۈچلۈك قوشنىلىرىنىڭ تىزەىنلىشى ئاستىدا پەيدىنپەي زاۋالغا يۈز تۇتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە كەگەندە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىدىن مەھرۇم بولغان. مېگارا شەھىرى مېگارا ئىلمىي ئېقىمىنىڭ (پەلسەپە) ماكانى. سوقراتنىڭ شاگىرتى ئوكلىد بۇ ئىلمىي ئېقىمغا ئاساس سالغۇچى.