مەزگىلسىز[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] مەزگىلى يېتىپ كەلمىگەن، ۋاقىتسىز، بالدۇر:[مىسال:] چىرايىدا مەزگىلسىز قېرىلىقنىڭ كۈلەڭگىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئوتتۇرا بويلۇق، توغرۇلۇق كەلگەن بۇ كىشىنى مەن دەرھال تونۇدۇم.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] مەزگىلى، پەيتى يېتىپ كەلمەي تۇرۇپ؛ كۈتۈلمىگەندە، تاسادىپىي:[مىسال:] مەزگىلسىز ياغقان يامغۇر.