Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەئرەكە ئەل جەمەل
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدا 656 - يىلى تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش. ھەزرىتى ئوسمان قەتلى قىلىنىپ، ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولغاندىن كېيىن، تەلھە بىننى ئۇبەيدۇللا بىلەن زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ھەزرىتى ئەلى مۇناسىۋەتلىك دېگەننى باھانە قىلىپ، بۈۋى ئائىشە بىلەن بىرلىشىپ، قوشۇن باشلاپ ھەزرىتى ئەلىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىككى قۇشۇن بەسرە يېنىدا قاتتىق جەڭ قىلدى. تەلھە بىننى ئۇبەيدۇللا بىلەن زۇبەير ئىبنى ئاۋۋال قازا قىلدى. بۈۋى ئائىشە ئەسىرگە ئېلىندى. ئائىشە پۇختا كاجۇۋادا ئولتۇرغانلىقتىن، بۇ جەڭ <تۆگە جېڭى> دەپ ئاتالدى.