Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەتلەئ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باشلانما، مۇقەددىمە؛ ئاۋۋال:
كۈن، ئاي چىقىدىغان، تۇغىدىغان جاي؛ چىقىش ۋاقتى:
دەسلەپكى ئىككى مىسرا شېئىر:
1. ھەببى خۇدا ئىشقنىڭ مەتلەئى،
مۇھەببەت گۈلىستانىنىڭ مەنبەئى.
ئا. نىزارى.
2. تولۇئ ئەتمەككە ھۆسنى سۈبھى سادىق،
تەقازا ئەيلىدى مەتلەئ مۇۋاپىق.
ناقىس.
3. خەتتى لەۋھى ھۆسنىڭ دەفتەرىدە مەتلەئى توغرا،
كەلامى لائىلەھە سەر ئىللەللاھ ئەيان ئەيلەر.
زەلىلى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە چىقىش جايى، باشلانما سۆزىدىن
شېئىرىي ئەسەرنىڭ بىرىنچى بېيىتى، مەسىلەن: ناۋايى «مەجالىسۇن نەفائىس» دا ئاتايى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق يازغان: «تۈركىي گۈي ئەردى، ئۆز زامانىدە شېئىرىي ئەتراك (تۈركلەر _ ئاپتور) ئارىسىدا كۆپ شۆھرەت تۇتتى. بۇ مەتەل ئانىڭدۇركىم:
ئول سەنەمكىم سۇ ياقىسىندا پەرىتەگ ئولتۇرۇر،
غايەتى نازۇكللۈكىدىن سۇ بىلەن يۇتسا بولۇر.»
بابىر «بابىرنامە» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «... بۇ مەتەلنى ئوشۇل ئەييامدا ئايتىپ ئىدىم:
تەكەللۇپ ھەر كېچەسۈرەت تۇتۇلسا ئاندىن ئارتۇق سەن،
سېنى جان دەرلەر، ئەمما بى تەكەللۇپ جاندىن ئارتۇق سەن!»
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باشلانما، كۈن چىقىدىغان جاي؛ شېئىرنىڭ باش ئىككى مىراسى.