Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەتائ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مال، ماتا رەخت، نەرسە كېرەك:
بايلىق، دۆلەت:
مەززىلىك يېمەكلىك، مەئىشەت:
1. ئەيا مۇسلىمى نەقدنىڭ قىممەتىن،
دېگىل كى مەتائىڭ بارى بىيەقىن.
ئا. نىزارى.
2. ھاسىلى خەرمەن ئەمەل ئالمادى ئادەمى ئۇجىب،
گۆردە نىچۈك ئاسىغ ئېتەر نۇقرە بىلەن زەرمەتائ:
زەلىلى.
3. بۇ دەۋران ئېلى ئىككى يۈزلۈك دۇرۇر،
خىيانەت ماتەئغە كۆزلۈك دۇرۇر.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ماتا، سېتىلىدىغان مال، ئەشيا، تاۋار، نەرسە؛ كۆچمە مۈلۈك؛ مەززىلىك يېمەكلىك.