Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەسلەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەلۇم ئەقىدىگە مەنسۇپ بول.
غايە، ئەقىدە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غايىۋى يول، رەۋىش، رەفتار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ تۇرمۇش، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىلمىي مەسىلىلەردە قۇۋۋەتلىگەن سىستېمىلىق نەزەرىيە، تەشەببۇس.
<ئىزم> يالغۇز كەلمەيدۇ. <چىلىك / چىلىق> قا ئوخشاش قوشۇمچە سۆزگە ئۇلىنىپ. شۇ <مەسلەك>، <يول> مەنىسىنى بېرىدۇ.
مەسلەكتە چىڭ تۇر، چۈنكى ھاياتتىن قىممەت، رازى بول كەتسمۇ جان، شەنىمىز پاك قالسا پەقەت. ماركىسىزم - لېنىنىزم ئومۇمىي ھەقىقىتىنى كونكرېت ئەھۋالغا بىرىكتۈرۈش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆزىگە خاس ئەقىدىلىرى بىلەن باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىلمىي ياكى دىنىي يول، ئېقىم، ئەقىدە.
سىياسىي مەسلەك.
كۆچمە. غايە؛ مەقسەت، ئىدىيە.
چىن - ھەقىقىي بىر مەسلەكتە تۇرۇپ ئۆزۈڭ، تۈز يېتەكلە بارچە ئەلنى، يارغا تارتما!