Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەشئەل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەشئەل، چىراغ:
يورۇقلۇق، روشەنلىك:
1. شەبى يەلدا بولۇپدۇر نۇرى مەشئەلىدىن فەراغىم بار،
سەۋدا ئاھ دىن كىم شۇئلەدىن دايىم چىراغىم بار.
زەلىلى.
2. سەمەرقەند بىلادى - جاھان سەيقەلى،
نەسەيقەلكى پەرتەۋ فىشان مەشئەلى.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئومۇمىي مەنىسى: يولنى يورۇتۇپ تۇرغۇچى چىراغ.
ئۆگەنگەن ئىلمىڭنى ئىشلەت ھەرمەھەل، ئۆچمىسۇن كۈچ بىلەن يېقىلغان مەشئەل. غايە - يول كۆرسەتكۈچى ماياك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇچىغا كۆيىدىغان بىر نەرسە ئورالغان، يورۇتۇش ياكى ئوت يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تاياق.
مەشئەل ياندۇرماق.
كۆچمە. يول ۋە نىشاننى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەمۇنە؛ ماياك.
ئىلىم - پەن ھەممىدىن ئەۋزەل. ئىلىم ئۆچمەيدىغان مەشئەل.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، مالىك كېۋىرنىڭ تۇنجى ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 - يىل 5 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <تاڭ ئالدىدا>، <قىز قەلبى>، <مەشئەل>، <قوغۇنچى>، <ئۆزگىرىش> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
يورۇقلۇق مەنبەسى، يورىغۇچ