Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەشرىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەرق، كۈنچىقىش:
جانىبى مەشرىقتە ئىكەن كىرە ھەم،
يۇرتى خىتا بىلەن ئىكەندۇر بەھەم.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۈنچىقىش، كۈنتۇغار، چىقىش، شەرق؛ مەشرىق زەمىن - شەرق ئەللىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت تەرەپنىڭ بىرى، غەربنىڭ قارشى تەرىپى، كۈن چىقىدىغان تەرەپ.
يېقىن شەرق؛ ئوتتۇرا شەرق؛ يىراق شەرق. شەرق ئەللىرى؛
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن چىقىدىغان تەرەپ. شەرق ئەللىرى، شەرق مەدەنىيىتى، يېقىن شەرق.
غەرب (كۈنپېتىش)، (مەغرىپ)
كۈن پاتىدىغان تەرەپ. غەرب ئەللىرى، غەرب مەدەنىيىتى، يىراق شەرق.
شەرق شامىلى بېسىپ چۈشمىسە، غەرب شامىلى بېسىپ چۈشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. شەرق، كۈن چىقىش.
مەشرىقتىن مەغرىبقىچە.