Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەرۇف كەرخىي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى پەيلاسوپ، ۋاسىتتا (ھازىرقى ئىران چېگرىسى ئىچىدە) دۇنياغا كېلىپ، باغداتتا پائالىيەت قىلدى. تەسەۋۋۇپچىلار ئىچىدە <ھېكمەتۇللا> قارىشىنى ھەممىدىن بالدۇر تىلغا ئالغان ۋە تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنى ئەڭ بۇرۇن تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ئادەم. سوپىلارنىڭ <قۇرئان كەرىم> گە ۋە ھەدىسكە تولۇق ئەمەل قىلىشىنى تەكىتلىدى. جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن گۇناھى بولماسلىقى، ئەپۇ سوراشنى كۈتىدىغانلار كۆرەڭلىمەسلىكى، مېھىر - شەپقەت ئۈمىد قىلىدىغانلار يولسىزلىق قىلماسلىقى كېرەك. پاك نىيەت تەقۋادارلىق، ساداقەتلىك بىلەن تولغان بولىدۇ. نومۇسسىزلار يالغانچىلىق بىلەن نىقاپلىنىپ، يامان نىيەتتە بولىدۇ، ئاللا ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن ياخشى بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ، مۇنازىرە ئىشىكىنى تاقاپ قويىدۇ؛ يامان ئادەملەرگە ئەمەل ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ، مۇنازىرە ئىشىكىنى ئېچىپ قويىدۇ، دەپ قارىدى. ئاللاغا ئىمان ئېيتىپ، ئاللانى ئۇستاز، دوست ۋە سىرداش بىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.