Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەرغۇب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆيۈملۈك، يېقىملىق؛مەقبۇل:
خۇش چىراي:
قىلىپ جەمئى نەزم ئەيلەسە خوبدۇر،
كەلامى تەبىئەتكە مەرغۇبدۇر.
ئا. نىزارى.
2. بەلەند پەرياد ئۇرماي ئول پەرىغە يوق ئۈچۈن مەرغۇب،
ھەزىن نالىش ئىلەن جان ئۇدىدىن ئەندەك سەدا قىلدىم.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خۇش كۆرۈلگەن، مەقبۇل، ئارزۇقىلنغان؛ سۈپەتلىك، ئەلا دەرىجىلىك؛ راۋان. قىزىق، يېقىملىق، سۆيۈملۈك.مەسىلەن: بەك مەرغۇب ـ يېقىشلىق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مەرغۇپ
ياخشى كۆرۈنىدىغان، ئارزۇ قىلىنىدىغان