Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەقسەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېرىشىش، ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان نەرسە.
<غەرەز> سەلبىي مەنىدە.
مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئاچقۇچى - سەۋرچانلىق. ئالدىرىغان مۇرادىغا يەتمەس. قىلمىسا داۋاملىق ھەقىقىي ھەرىكەت، ئاشمايدۇ ئەمەلگە ھېچ مۇراد - مەقسەت. كۆڭۈل تىلىگەن مۇرادىغا يەتسە كىشى، يار بارچە مۇرادىدىن كەچسە كىشى، بۇ ئىككىسى مۇيەسسەر بولمىسا مۇندا، باشنى ئېلىپ، ھايقىرىبان كەتسە كىشى. موللىنىڭ مۇددىئاسى بىسمىللاسىدىن مەلۇم. جاۋابىدىن مەلۇم بولىدۇ دانا، ئاڭا ئاچار جامال، ئارزۇ مۇددىئا. غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېرىشىش ئۈچۈن كۆزدە تۇتۇلغان نەرسە، مۇراد، مۇددىئا.
چۆچۈرە يېمەكتىن مەقسەت گۆش يېمەك (ماقال).
ئىسىملارنىڭ Ⅲ شەخس تەۋەلىك قۇشۇمچىسى ۋە ئورۇن كېلىش قۇشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، تىركەلمە ۋەزىپىسىدە قوللىنىلىدۇ.
مەن بۇ ۋەقەنى خەلىپە ھارۇن رەشىدكە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، بۇ شەھەرگە كەلدىم.