Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەنتىقۇت تەير
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ مەنىسى <قۇشلار نۇتقى> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ باللادىسى بولۇپ، ئۇنى فەرىددىدىن ئەتتار يازغان. پۈتۈن باللادا ئون مىڭ مىسرادىن تەركىب تاپقان. قىزىقارلىق مەسەل - رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىپ، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ سىرلىق دىنىي قائىدىسى ۋە زاھىدلىق جەريانى يورۇتۇپ بېرىلگەن. كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، بىر توپ قۇش (سوپىلار تەمسىل قىلىنىدۇ) كۇئىقاپ تېغىغا بېرىپ رىۋايەتلەردىكى سۇمرۇغنى تېپىشقا بەل باغلايدۇ (كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئاللا، يەنى ھەقىقەت تەمسىل قىلىنىدۇ). ئۇلار ھۆپۈپنى يېتەكچى قىلىپ سايلايدۇ (سوپىلارنىڭ مۇرشىدى شۇنداق تەمسىل قىلىنىدۇ). ئۇلار مەنزىلدىن مەنزىلگە ئۇچىدۇ (تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دۇئا - تىلاۋەت، سۆيگۈ، تونۇش، ھالقىش، بىر ئىلاھقا ئىشىنىش، گاڭگىراش ۋە يوقىلىشتىن ئىبارەت يەتتە مەنزىلى تەمسىل قىلىنىدۇ)، نۇرغۇن قۇشلار جاپاغا چىدىماي يېرىم يولدا قېچىپ كېتىدۇ. ئاخىرى 30 قۇش كۆزلىگەن يېرىگە غەلىبە بىلەن يېتىپ بارىدۇ. لېكىن، ئىلاھى قۇش سۇمرۇغنى تاپالمايدۇ. بۇ چاغدا قۇشلار بىردىنلا ئېسىنى تېپىپ، ئۆزلىرى ئىزدىگەن ئىلاھى قۇش باشقا بىرى ئەمەس، دەل ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. پارسچىدىكى <سۇمرۇغ> بىلەن <30 قۇرش> ئاھاڭداش بولۇپ ئوخشاش يېزىلىدۇ. مۇئەللىپ سۆز ئاھاڭى بىلەن يېزىلىش شەكلىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، بۇ قىسسىنى توقۇپ چىقىپ، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇھىم پەلسەپىۋى قائىدىسىنى، يەنى ئاللانىڭ ھەربىر ئەھلى ئىماننىڭ دىلىدا ئىكەنلىكىنى، ئاللاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن دىلنى پاك قىلىش، نەپسىنى يىغىش، ئىبادەت قىلىش لازىملىقىنى، يەتتە مەنزىل تاماملانسا، دىل پاكلىنىپ، پانىي دۇنيانىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇپ، ۋىسالۇل ھەقق دەرىجىسىگە يېتىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى شەرھلىگەن.