Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەنىلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەنىسى بار، مەنىگە ئىگە، چوڭقۇر مەنە بىلدۈرىدىغان.
بىر مەنىلىك سۆز. كۆپ مەنىلىك سۆز.
ئەلچىلەر پادىشاھنىڭ مەنىلىك گەپلىرىگە قايىل بولۇپ تەزىم قىلىپتۇ.
!بىلدۈرگەن مەنىسىنى، مەزمۇنىنى تۇتقا قىلغان؛ مەزمۇنىنى ئاساس قىلغان ھالدىكى.
مەنىلىك ئەستە قالدۇرۇش دېگىنىمىز - ئەستە قالدۇرماقچى بولغان ماتېرىيالنى چۈشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەھمىيەتلىك، كۆڭۈللۈك.
مەنىلىك تۇرمۇش.
باشقا بىرەر مەنە، مەقسەت مۇددىئا يوشۇرۇنغان؛ مەقسەتلىك.
شانىيازنىڭ گېپىدە مەنىلىك چاقچاق بارلىقىنى سەزگەن ئەتراپتىكى ياشلار پاراق - پۇرۇق كۈلۈپ كېتىشتى.