Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
蒙塔尔沃
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
蒙塔尔沃〈西〉
méng tǎ ěr wò
مونتالبو
دۇنيا تارىخى
مونتالۋو
( 1832 - 1889)، ئېكۋادورلۇق يازغۇچى. ياش ۋاقتىدا فرانسىيىگە بېرىپ لامارتىن بىلەن تونۇشقان. 1860-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ، <دۇنيا گېزىتى> نى تەسىس قىلىپ 1866 - 1869(، ھاكىممۇتلەقلىكنى سۆككەن. 1879-يىلى سۈرگۈن قىلىنىپ، چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ئەدەبىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ياۋروپا رومانتىك يازغۇچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەسەرلىرىنىڭ سۇژىتى كەڭ، ئەدەبىي ئۇسلۇبى جانلىق بولۇپ، تىغ ئۇچى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ۋە چېركاۋنىڭ قاراڭغۇلۇق كۈچلىرىگە قارىتىلغان. ھەجۋىي رومان <سىۋانتىس ئۇنتۇپ قالغان بابلار>، <ماقالىلەر توپلىمى>، <يەتتە ماقالە>، قىسقا ئوبزور <ئەخلاق گېئومېتىريىسى>، <كاتلىنارىياس> ۋە <مەكار پوپ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.