Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
蒙得维的亚宣言
دۇنيا تارىخى
مونتېۋىدېئو خىتابنامىسى
تولۇق نامى <مونتېۋىدېئو دېڭىز - ئوكيان قانۇن خىتابنامىسى> بولۇپ، چىلى، پېرو، ئىكۋادور، سالۋادور، نىكاراگوئا، ئارگېنتىنا، پاناما، برازىلىيە ۋە ئۇراگۋايدىن ئىبارەت توققۇز دۆلەت 1970-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇراگۋاينىڭ پايتەختى مونتېۋىدېئودا ئىمزالىغان. بۇ خىتابنامىدە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك، گېئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە دېڭىز - ئوكيان بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قاراشلىق رايونىنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز قىرغىقىغا تۇتاشقان سۇ كۆلىمى، دېڭىز دائىرىسى ۋە ئۇنىڭ ئاستىنقى تۇپرىقىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى مەخسۇس تەۋەلىك ھوقۇقىنى 200 دېڭىز مىلىغا كېڭەيتىدىغانلىقى جاكارلانغان. ئۇ لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز - ئوكيان زورمىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىر زور تەرەققىياتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.