Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
孟德斯鸠
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mèng dé sī jiū
مونتېسكۋئېۋ
دۇنيا تارىخى
مونتېسكيۇ
(1689 - 1755) فرانسىيىلىك قانۇنشۇناس، بۇرژۇئازىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇتەپپەكۇرى. ئەسلى ئىسمى شال لۇئى دې سىكۇندا. ئاقسۆڭەك ئائىسلىدە تۇغۇلغان. كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا قانۇن تەربىيىسى ئالغان. 1716-يىلى گراف مونېسكيۇ دېگەن نامغا ئېرىشكەن ھەمدە بۇررىئۇ سوتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1728-يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولغان، كېيىن فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ ئىجتىھات بىلەن ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەن. فېئودال ئىستىبدات تۈزۈمىنى ۋە دىنىي نادانلىقنى ئۆتكۈر مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلغان. دىنىي نۇقتىئىنەزەر جەھەتتە تەبىئەت ئىلاھچىلىقىدا چىڭ تۇرغان. ئىجتىمائىي سىياسىي نۇقتىئىنەزەر جەھەتتە بولسا تەبىئىي ھالەتتە، كىشىلەر تەربىئەت قانۇنىنىڭ ئىدارە قىلىشقا ئۇچراپ ئۆز - ئۆزىنى قوغدايدۇ، تىنچلىقتا بىلللە تۇرىدۇ؛ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىدۇ، شۇڭا جەمئىيەت قانۇن تۇرغۇزۇشقا موھتاج، قانۇن تۇرغۇزۇش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيىۋى شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، لېكىن سىياسىي تۈزۈم ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئۇ قانۇن روھى ۋە قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلەيدۇ؛ دېموكراتىك تۈزۈم، ئاقسۆڭەكلەرتۈزۈمى ۋە پادىشاھلىق تۈزۈمدىن ئىبارەت ئۈچ خىل توغرا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئىستىبداتلىق تۈزۈمىنىڭ قارىمۇ قارشى تەرىپى بولىدۇ، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدۇر. ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ نىشانى بولغان قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش - دۆلەتنىڭ جېنى. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى - <ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋېتىش>، يەنى قانۇن تۇرغۇزۇش، ئەدلىيە ۋە مەمۇرىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ ئاپپاراتىغا ئايرىۋەتكەندە، بۇلار بىر - بىرىنى تىزگىنلەپ، ئۆزئارا تەڭپۇڭ بولۇپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ تەلىماتى ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئامېرىكا ۋە فرانسىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش خىزمىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن. مۇنتېسكيۇ يەنە بۇردۇئا ئىجتىمائىيەتتىكى جۇغراپىيىچىلەرنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى <پارس مەكتۇپلىرى>، <رىمنىڭ گۈللىنىشى ۋە خاراپ بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا>، <قانۇن روھى>، <(قانۇن روھى توغرىسىدا) غا ئائىت مۇنازىرە> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.