Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مەمۇن
دائىرە: دۇنيا تارىخى马蒙
mǎ méng
(786 - 833) ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى (813 - 833) ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى (813 - 833) ھارۇننىڭ ئوغلى. خوراساننىڭ باش ۋالىيىسى بولۇپ، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى باشقۇرغان. مىلادى 810 - 813-يىللاردا، ئۇدا ئۈچ يىل ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ئاكىسى خەلىپە ئامىن (809 - 813-يىللاردا تەختتە تۇرغان) نى مەغلۇپ قىلىپ خەلىپە بولغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە ئەزەربەيجاندىكى بابەك قوزغىلىڭىنى باستۇرماقچى بولغان. لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى ئۆزىگە تارتىش سىياسىتىنى قوللانغان. ئىلىم - پەننى قوغداپ، ئىلىمنى مۇكاپاتلىغان، ۋىزانتىيىگە بېرىپ، گرېتسىيىنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىنى توپلاشقا ئادەم ئەۋەتكەن ھەمدە گرېتسىيە، پروسسىيە ۋە ھىندىستاننىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرغان، 830-يىلى باغداتتا كۇتۇپخانا، مۇنەججىملىك ۋە تەھرىرلەش - تەرجىمە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. <ئەقىل - پاراسەت يۇرتى> دېگەن ئۇنىۋېرسال ئورگاننى تەسىس قىلغان مۇتازىلچىلارغا ئېتىقات قىلىپ، ئۇنى دۆلەت دىنى دەپ تۇرغۇزغان. كېيىن كىچىك ئاسىيادىكى بىر جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.