Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مەملىكەتلىك ئاساسىي نىزام جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
全国宪章协会
quán guó xiàn zhāng xié huì
<مەملىكەتلىك ئاساسىي نىزام بىرلەشمىسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. ئەنگلىيە ئاساسىي نىزام ھەىرىتىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى تەشكىلات، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ ئىپتىدائىي تىپى. 1840-يىلى مانچېستىردا قۇرۇلغان. مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ سايلانغان. 1841-يىلى يەرلىك تارماق كومىتېتلىرىدىن 200 نەچچىسى بولۇپ، 1842-يىلى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، تەشكىلاتى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن، ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 50 مىڭدىن ئېشىپ ەتكەن. 1848-يىلى ئاساسىي نىزام ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ بارا - بارا پائالىيىتى توختاپ قالغان. 1858-يىلىنىڭ ئالدىن - كەينىدە يوقىلىپ كەتكەن.