Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەلۇم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مالامەت ۋەئەلەم چەككەن، دەردىلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالەت.
كۆپچىلىككە ئاياننى كېلىشتۈرۈپ ئېيتىش قىيىن. بولىدىغان ئاشلىق كۆكىدىن مەلۇم. پاكىت تىلىدىن روشەن بولار. ئىش ۋاقتى كەلسە ئايدىڭ بولار ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ئېنىق كۆرۈپ، يۈزىدىكى قورۇقنى كۆرەلمەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ھەممە ياكى بەلگىلىك كىشىلەر بىلىدىغان؛ ئاشكارا، ئوچۇق.
بۇ ئىش ئىدارىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم.
بەلگىلىك.
مەلۇم مۇددەت. مەلۇم مەزگىل. مەلۇم شەخس. مەلۇم شارائىت.
مەشھۇر، نامى تارالغان، تونۇشلۇق.
زامانەمنىڭ زامانىسىدا، ھۇرۇنلارنىڭ ماكانىدا بىر ھۇرۇن بولغانىكەن، ئۇ خەلقىئالەمگە مەلۇم ئىكەن.
بېشارەتلىك، ئالدىن بىلىنىلگەن، ئالدىن بېشارەت بېرىكلىك.
يولۋاس ياتقىنىدىن مەلۇم (ماقال).
تېرىق قۇلىقىدىن مەلۇم، بالا كىچىكىدىن (ماقال).
<مات> ئالدىن بېرىلگەن، مەۋجۇت.
مەلۇم سانلارنى نامەلۇم سانلاردىن ئاجرىتىش.