Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەلھەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يارىغا چاپلايدىغان يۇمشاق، يېپىشقاق دورا.
باغداتتىن تەرناك مەلھەم كەلتۈرۈلگۈچە يىلان چاققان ئۆلگەن بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يارا، جاراھەتلەرگە سۈرتۈلىدىغان يۇمشاق، يېپىشقاق دورا.
يارىغا مەلھەم چاپلىماق. يارىغا مەلھەم سۈرتمەك.
كۆچمە. دەۋا ياكى دەرمان بولىدىغان ھەربىر نەرسە.
دەسلەپكى سۆزدىن ئازابلىق يۈرىكىم، بىرەر مەلھەمگە ئىگە بولسا، ئارقىدىنلا يەنە نەشتەر ئۇرۇلۇپ، زەخىملىنەتتى.