Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەكرۇھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆڭۈلگە ياقمايدىغان، يېقىمسىز، يىرگىنچىلىك.
ئىستېمال قىلشقا بولمايدىغان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يىرگىنىچلىك، كۆڭۈل تارتمىغان، نەپرەتلىك.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <يىرگىنىچلىك> دېگەنلىك بۇلۇپ، ئەيىبلىنىدىغان، لېكىن جازالانمايدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى بەش ھەرىكەت قائىدىسىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى فەقىھلەر بۇ قائىدىنى ئىنكار قىلىپ، مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت بىلەن چەكلەنگەن ۋە جازالىنىدىغان ھەرىكەتنى ئېتىراپ قىلىدۇ. نىكاھ تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتە ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ.