Uyghurئاساسىي لۇغەت
مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> دىكى سۈرىلەرنى نازىل بولغان جايىغا قاراپ ئايرىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 610 - يىلىدىن 622 - يىلىغىچە مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن نازىل بولغان سۈرىلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ، مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر 86 سۈرە بولۇپ، ئومۇمىي سۈرىلەرنىڭ ئوندىن يەتتە قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؛ بۇ سۈرىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىسقا سۈرىلەر بولۇپ، مەزمۇنى دىنىي قائىدىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى سۈرىلەر مەككە ۋە مەدىنىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا گىرەلىشىپ نازىل بولغان.